بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • لى گاڭ باغراش ناھىيەسى ۋە يەنجى ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

لى گاڭ باغراش ناھىيەسى ۋە يەنجى ناھىيەسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك

    سۈرەتتە: 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ باغراش ناھىيەسىنىڭ ئۇلانزېكسىن يېزىسى ئۇلانزېكسىن كەنتىدە ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ فوتوسى

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى گاڭ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ باغراش ناھىيەسى ۋە يەنجى ناھىيەسىدە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، ساياھەتچىلىك كەسپىنىڭ تەرەققىياتى، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش+3+3+1» خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.

    باغراش ناھىيەسىنىڭ چېكىننۇر يېزىسى لاخاننۇر كەنتى ۋە ئۇلانزېكسىن يېزىسىنىڭ ئۇلانزېكسىن كەنتىدە، لى گاڭ ئۆزگىچە باغ – ئورمانچىلىق، تېرىقچىلىق، سېتىش، يېزا – كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپلەرنىڭ گۈللىنىشى ھەم يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى ھەم ئاچقۇچى، ئۆزگىچە باغ – ئورمانچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بازار بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭ ماركا يارىتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، يوللىرىنى كېڭەيتىپ، يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تېخىمۇ يىراق جايلارغا، تېخىمۇ ياخشى  رايون ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ۋە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق تونۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىنى مۇھىم كەسىپ سۈپىتىدە يېتىشتۈرۈپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قاراشنى ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلىك ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەتچىلىك ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى تەربىيەلەشنى يولغا قويۇپ، يېزا – كەنت مۇھىتىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

    باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋىنجۆكىن يېزىسى خارىنگىر كەنتىدە، لى گاڭ بۇ كەنتنىڭ ئاممىۋى خىزمەتنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئاممىۋى خىزمەت ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ھالقىسى ئەمەلىي بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشتا. كەڭ كادىرلار ئاممىۋى تەشۋىق – تەربىيە، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ھەقىقىي ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، خىزمەتنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا، ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ياخشى ئىشلەپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، چاقىرىق كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

    يەنجى ناھىيەسىنىڭ ۋۇخاۋچۈ يېزىسى ساغانبۇخ كەنتى، توۋخاۋچۈ كەنتى ۋە شياسەنخاۋ كەنتىدە، لى گاڭ ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، دېھقانلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىش ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا تەييارلىق قىلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەشنى، تەشكىللەشنى ياخشى ئىشلەپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇق، ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالار بىلەن يېتەرلىك تەمىنلەشكە، سۈپەتنىڭ ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئېتىز – ئېرىقلارنى باشقۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، بېيىش باشلامچىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سېلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك تىجارىتى ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزىلاردىكى يەرلەرنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، كىچىك دېھقانلار ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئورگانىك جىپسىلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش – سېتىشتىكى ھەرقايسى ھالقىلىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، يېزىلاردا بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا – كەنت كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېتىز – ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ــ زىرائەتلەرنىڭ تەبىئىي ئاپەتنىڭ زىيىنىغا تاقابىل تۇرۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئېتىز – ئېرىق ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئېتىز – ئېرىق ئىھاتە ئورمىنىنى تورلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

    يەنجى بازىرىنىڭ ئازادلىق مەھەللىسىدە، لى گاڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە مەھەللىدە تۇرۇۋاتقان كادىرلار ۋە مەھەللە خىزمەتچىلىرى بىلەن ئەستايىدىل پاراڭلىشىپ، خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاگاھ سىگنالىنى ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەت جەڭ قىلىش ئىدىيەسىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتىنى قەتئىي يېڭىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرىكمە مۇشتنى سىجىل ياخشى ئېتىش كېرەك. ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال تۈردە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ۋەزىپىلەرنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇقىملىق خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، دەل جايىدا تۇتۇپ، تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلەرنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

    ئوبلاستلىق پارتكوم ئىشخانىسى، تەشكىلات بۆلۈمى، سىياسىي – قانۇن كومىتېتى، سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى (ئىسلاھات ئىشخانىسى) قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.   مەختۇمخان تۇردى تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى