بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 2019 – يىلى 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنىگىچە بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ. ھازىر تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرۇش قىلىندى:

    بىرىنچى، كۆزىتىش ئوبيېكتى

    بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئەزالىرى، بولۇپمۇ ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلار، ئوبلاستلىق خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، ناھىيەلىك، شەھەرلىك ۋە ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئەزالىرى.

    ئىككىنچى، كۆزىتىش مۇھىم نۇقتىسى

بۇ قېتىمقى كۆزىتىش تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنى نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ: بىرىنچىدىن، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش، «ئىككىنى قوغداش» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، پارتىيەنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، پارتىيەنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ؛ تۆتىنچىدىن، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش، «تۆت خاھىش»، «تۆت كەيپىيات» مەسىلىسىنى، بولۇپمۇ شەكىلۋازلىق، بيۇروكراتلىق مەسىلىسىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ؛ بەشىنچىدىن، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ؛ ئالتىنچىدىن، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مۇتلەق غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەشنى چۆرىدەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك – ئىنتىزامچان بولۇش ۋە ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ؛ يەتتىنچىدىن، نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشتە بايقىغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ؛ سەككىزىنچىدىن، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدىكى چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىنى تەكشۈرىدۇ.

    كۆزىتىش خىزمىتى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان شەخسلەرنىڭ دەۋا – تەلىپى، قانۇنغا، دەۋاغا چېتىشلىق ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە تارماقلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ئۈچىنچى، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بىلەن ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى

    كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنى: بايىنغولىن مېھمانخانىسى

پاش قىلىش تېلېفونى: 2299599 – 0996، 18909961038 (ئەتىگەن سائەت 10:00 دىن كەچ سائەت 22:00 گىچە)

ئالاقىلاشقۇچى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىككىنچى كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى (پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىدۇ).

    پاش قىلىش خەت ساندۇقى: شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق بايىنغولىن مېھمانخانىسى A002 نومۇرلۇق خەت ساندۇقى.

    پوچتا نومۇرى: 841000

    ئېلخەت ساندۇقى: dwxs2z@126.com

    پىكىر ئېلىش ساندۇقى: كورلا شەھىرى بايىنغولىن مېھمانخانىسى چوڭ دەرۋازىسىدا، ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى بىناسى دەرۋازىسىدا، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزى 1 – كىرىش ئېغىزىدا، ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈش مەركىزى (مەرھابا يولى 26 – نومۇر)نىڭ ئەرزىيەت قوبۇل قىلىش باشقارمىسىدا، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى (تەپتىش مەھكىمىسى) ئۇنۋېرسال بىناسى دەرۋازىسىدا، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىناسى دەرۋازىسىدا، كورلا شەھەرلىك 1 – خەلق دوختۇرخانىسى كىرىش ئېغىزىدا، سايباغ  كوچا باشقارمىسى دەرۋازىسىدا، ئىتتىپاق كوچا باشقارمىسى دەرۋازىسىدا، تىيانشان كوچا باشقارمىسى دەرۋازىسىدا، چاۋياڭ كوچا باشقارمىسى دەرۋازىسىدا، يېڭى شەھەر كوچا باشقارمىسى دەرۋازىسىدا، نەشپۈتزار كوچا باشقارمىسى دەرۋازىسىدا، قۇرۇلۇش كوچا باشقارمىسى دەرۋازىسىدا، شۇنىڭدەك بۈگۈر ناھىيەسى، لوپنۇر ناھىيەسى، چەرچەن ناھىيەسى، چاقىلىق ناھىيەسى، قاراشەھەر ناھىيەسى، خېجىڭ ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسى قاتارلىق سەككىز ناھىيە بىر شەھەردە جەمئىي 38 پىكىر ئېلىش خەت ساندۇقى تەسىس قىلىندى.

ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ بىز بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىشىنى قارشى ئالىمىز، ئىنكاس قىلىنغان مەسىلىلەرنى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىدۇ، ھەمدە مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ.

    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسى

    2019 – يىلى 4 – ئاينىڭ 9 – كۈنى

    مەركەز قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21 – نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىش  گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزدا تۇرغان مەزگىلىدە، ( 2019 – يىل 4 – ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 5 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە) مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى تەسىس قىلدى:  2382093 , 2382092 , 2382091 – 0991 مەخسۇس پوچتا خەت ساندۇقى: ئۈرۈمچى شەھىرى  B036 – نومۇرلۇق پوچتا خەت ساندۇقى.

    نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت 00 :22 -00 :10گىچە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپى ۋە نازارەت قىلىش – يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن، مەركەزنىڭ قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش 21 – نازارەت قىلىش ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاساسلىقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى قارا كۈچ، رەزىللىككە ئائىت پاش قىلىش خېتى ۋە پاش قىلىش تېلېفونىنى قوبۇل قىلىدۇ.

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى