بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ كۆزىتىش – تەكشۈرۈش كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسىدا دەرس باشلاندى

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتالايدىغان يېڭى دەۋر كۆزىتىش – تەكشۈرۈش كادىرلىرىدىن بولۇش كېرەك

    مۇخبىرىمىز شيې شياۋيەن خەۋەر قىلىدۇ: 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى، ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ كۆزىتىش -تەكشۈرۈش كەسپىي تەربىيەلەش كۇرسى بويىچە كورلىدا دەرس باشلاندى، ئوبلاستىمىزنىڭ ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لىرىدىن كەلگەن 100گە يېقىن كۆزىتىش – تەكشۈرۈش كادىرى تۆت كۈن ئېچىلىدىغان مەركەزلىك تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىدۇ. ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئوبلاستلىق پارتكوم كۆزىتىش – تەكشۈرۈش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈي جىنسۇڭ كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىملىق كۇرسنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ۋە ۋەزىپىسى بولسا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى يىغىنى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتىنىڭ 3 – قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى، 9 – نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 7 – قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتى بويىچە سەپەرۋەرلىك، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2 – كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ خىزمىتىنى كۆزىتىش بويىچە سەپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆزىتىش، تەكشۈرۈشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى يېڭى ۋەزىپىسىگە ماسلىشىپ، ساپانى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىستىلنى ئۆزگەرتىپ،كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، تىرىشپ قاتتىق سناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، بېسىمغا تاقابىل تۇرالايدىغان، قاتتىق جەڭ قىلالايدىغان يېڭى دەۋر يۇقىرى ساپالىق كۆزىتىش – تەكشۈرۈش پولات قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئوبلاستىمىزنىڭ كۆزىتىش – تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پۇختا تەشكىلىي ئاساس سېلىپ، كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتىن ئىبارەت. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسى خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تولۇق تونۇش كېرەك. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىش – تەكشۈرۈش كادىرلىرىنىڭ ئىقتىدارى، ساپاسى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ھەقىقىي ھالدا خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

    يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بارلىق كۇرسانتلار بۇ قېتىملىق تەستە قولغا كەلگەن تەربىيەلەش پۇرسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئۆگىنىپ، پىكىرى يۈرگۈزۈپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىپ،ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئۆگىنشنىڭ ئۈنۈمى بولۇش، نەتىجىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بۇ قېتىملىق تەربىيەلەش كۇرسىدا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم كۆزىتىش خىزمىتى ئىشخانىسى كۆزىتىش – تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لياۋخوڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىندى، ئۇ «پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىش، نازارەتچىلىك تورىنى مۇستەھكەملەش، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، تۆت مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىش ۋە كۆزىتىش – تەكشۈرۈش ئاپپاراتىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى قاتارلىق بەش جەھەتتىن كۆزىتىش – تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەلىپى ۋە يېڭى ئۇسۇلىنى چۈشەندۈردى.

    تەربىيەلىنىش مەزگىلىدە، كۇرسانتلار«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىرى»، قانداق قىلغاندا كۆزىتىش -تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ياخشى يازغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا كۆزىتىش – تەكشۈرۈش خىزمىتىدە ئىنتىزام ۋە قانۇننى جىپسىلاستۇرۇش، ئىنتىزام ۋە قانۇننى تۇتاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ، دېگەن مەزمۇنلارنى سىستېمىلىق ئۆگەندى.

ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

(مەنبە:بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى