بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق ھۆكمەت باش بېتى
باشقا يازمىلار
  • ئوبلاستىمىزدا رەزىل كۈچ شايكىلىرىنىڭ بەش جىنايەت دېلوسىغا ئاشكارا مەركەزلىك ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

ئوبلاستىمىزدا رەزىل كۈچ شايكىلىرىنىڭ بەش جىنايەت دېلوسىغا ئاشكارا مەركەزلىك ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

بىر تۈركۈم سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت تىپىك دېلولىرى ئېلان قىلىندى

    مۇخبىرىمىز ياڭ شياۋدۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 – ئاينىڭ 12 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، كورلا شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى، باغراش ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى چېن لياڭ، ما شىنيۈەن قاتارلىق بەش دېلودىكى 81 جىنايەتچىنىڭ رەزىل كۈچ شايكىسى دېلوسىغا ئاشكارا مەركەزلىك ھۆكۈم ئېلان قىلدى ھەمدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بىر تۈركۈم سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرۇلغان رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايەت تىپىك دېلولىرىنى ئېلان قىلىپ،قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنداقلا قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى قاتتىق جېڭىدە چوقۇم غەلىبە قىلىش ئىرادىسىنى ئىپادىلەپ، جەمئىيەتتىكى ئاكتىپ كۈچلەرنى رىغبەتلەندۈرۈپ ۋە يېتەكلەپ، بارلىق ئاممىنى ئىتتپاقلاشتۇرۇپ بىرلىكتە قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىدە غەلىبە قىلىشتىكى ئىشەنچىنى مۇجەسسەملىدى.

    شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان تىپىك دېلولار يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش، زوراۋانلىق بىلەن قەرز سۈيلەش جىنايى قىلمىشى؛ قىمار سورۇنى ئېچىش،

    قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇش، يەر ئاستى قانۇن ئىجرا قىلىش ئەترىتى بولىۋېلىپ، خەلق ئارىسىدىكى ماجىراغا ئارىلىشىش، زوراۋانلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، قاقتى – سوقتى قىلىپ ئېلىۋېلىش، قىمار قەرزىنى قىستاپ ئېلىۋېلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلارنى؛ رەزىل كۈچلەردىن پايدىلىنىپ بازار بايلىقىنى مونوپول قىلىۋالغان، سودىلىشىشقا مەجبۇرلىغان «بازار زومىگىرى»، «گۆش زومىگىرى»، يوق يەردىن چاتاق چىقىرىپ، قەستەن جېدەل تېرىغان، تىجارەت مەيدانىنى ئۇرۇپ چاققان، باشقىلارنى ئۇرغان جېدەلخور رەزىل كۈچلەر؛ دىن كۈچىدىن، ۋەزىپە، ھوقۇق قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، يېزا كادىرلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنى ئىگىلىۋالغان، خوجا بولۇۋېلىپ، كوللېكتىپنىڭ بايلىقىنى ئىگىلىۋالغان رەزىل كۈچلەر «كەنت زومىگەر»لىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئوبلاستىمىزدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى «قىلچە يول قويماسلىق» پوزىتسىيەسى بىلەن، قانۇن بويىچە قاتتىق دېلو بېجىرىپ، قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى خىزمىتىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىرغا قەدەر، ئوبلاستىمىزدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان رەزىل كۈچلەر شايكىلىرىنىڭ جىنايەت دېلوسى 17 دېلو 162 ئادەمگە يەتتى. قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش ۋە قانۇن بويىچە مال – مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش، قان ئۈزۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇردى. بىر يىلدىن بۇيان، ھۆكۈم ئېلان قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنغان جىنايەتچىلەرگە جەرىمانە قويۇش، مۇسادىرە قىلىش، قايتۇرۇۋېلىنغان مال مۈلۈك سوممىسى 1 مىليون 700مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

    ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ ئەيچۈننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئوبلاستىمىزدىكى ئىككى دەرىجىلىك سوت مەھكىمىسى سىياسىي يۈكسەكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قانۇن خىزمىتىگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ،ھۆكۈم قىلىش فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى دېلو بېجىرىش ئورگانلىرى بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى. قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوت قىلىشنى مەركەز قىلغان جىنايى ئىشلار دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، قارا كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى بويىچە توغرا، ھەقىقىي، ئۈنۈملۈك زەربە بېرىشكە كاپالەتلىك قىلدى.

    بىر قىسىم خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئاشكارا مەركەزلىك ھۆكۈم ئېلان قىلىشنى ئاڭلىدى.

ماھىرە تۇرسۇن تەرجىمىسى

(بايىنغولىن گېزىتى)

  • 巴州政府电子政务办公室
    (0996)2689222
  • يانفۇن بېتى
    ئىككىلىك كودنى سىكانىرلاڭ
ئۇستى